ئارىزونا ئىشتاتىدا جو بايدىن غەلىبە قىلدى

ئامېرىكادا 3-نويابىر (2020) ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، ئارىزونا ئىشتاتىدىكى سايلام نەتىجىلىرى دېموكرات نامزات جو بايدىننىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.

1537487
ئارىزونا ئىشتاتىدا جو بايدىن غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ كاتىپى كېيتى خوبىس (Katie Hobbs) بىلەن ۋالىي داگ دۇسېي (Doug Ducey) ئارىزونا ئىشتاتىدىكى سايلام نەتىجىلىرىنى تەستىقلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، جو بايدىن 3.4 مىليون بېلەت تاشلانغان ئىشتاتتا، 10 مىڭ 457 ئاۋاز ۋە %0.3 لىك ئۈستۈنلۈك بىلەن جۇمھۇرىيەتچى رەقىبى دونالد ترامپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، جو بايدىن 1996-يىلىدىن بۇيان ئارىزونادا ئىككىنچى قېتىم غەلىبە قىلغان دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ قالدى.

ئامېرىكادا بارلىق ئىشتاتلاردىكى سايلام نەتىجىلىرى 2020-يىلى 8-دېكابىرغىچە تەستىقلىنىدۇ ۋە بېكىتىلگەن 538 ۋەكىل 14-دېكابىر پايتەخت ۋاشىنگتوندا بېلەت تاشلايدۇ. 270 ۋەكىل سانىغا ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنت بولىدۇ. جو بايدىن بۇ قېتىمقى سايلامدا 306 ۋەكىلگە ئېرىشتى. پىرېزىدېنت ترامپ بولسا، 232 ۋەكىلگە ئېرىشتى.

پىرېزىدېنت ترامپ سايلام نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر