جەۋاد زەرىف ئىران مۇتەخەسسىسى مۇھسىن فاھرىزادە سۇيىقەستى ئۈستىدە توختالدى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف دۆلىتىنىڭ ئۇرۇشخۇمار ۋە رادىكال زىئونىستلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1537772
جەۋاد زەرىف ئىران مۇتەخەسسىسى مۇھسىن فاھرىزادە سۇيىقەستى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇھەممەد جەۋاد زەرىف ئىنستاگرام ھېسابدا گرافىكلەر بىلەن ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىران مۇتەخەسسىسى مۇھسىن فاھرىزادەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

جەۋاد زەرىف ئىرانغا نىسبەتەن مەغلۇپ بولغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە، جىددىيىلىكنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن يارىتىلغان ئۇيغۇن مۇھىتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جەۋاد زەرىف ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ رايونغا قىلغان زىيارەتلىرى شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ۋە ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئەسلىدە فاھرىزادەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن ئاشكارىلانغان بىر سۇيىقەستلىك پىلان دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فاھرىزادە سۇيىقەستى بىلەن تەڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان پسىخولوگىيىلىك ئۇرۇش ۋە ئىستىخبارات سەپەرۋەرلىكىنىڭمۇ نېتانياھۇ، پومپېيو ۋە بىن سالماننىڭ ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈش نىشانىغا خىزمەت قىلدۇرۇلغانلىقىني بىلدۈرگەن جەۋاد زەرىف: «ئىران خەلقى ۋە مەسئۇللىرى خەلقئارالىق تېرورچىلارنىڭ ئاخىرىقى تىپىرلاشلىرىنىڭ شۇنداقلا  يامان نامى چىققان ئۇرۇشخۇمار ۋە رادىكال زىئونىستلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ. ئىران ترامپ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئۇرۇشىغا قارشى كۈرەشلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كونكېرتلەشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر