ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانلىق يادرو مۇتەخەسسىسى فاھرىزادەگە سۈيىقەست قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىدا كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەردىن مۇھسىن فاھرىزادەنىڭ سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە توختىلىپ: «دۇنيا ئىسرائىلىيەگە رەھمەت ئېيتىشى كېرەك» دېدى.

1536648
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانلىق يادرو مۇتەخەسسىسى فاھرىزادەگە سۈيىقەست قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرانلىق مۇتەخەسسىس فاھرىزادەنىڭ سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ تەسىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكادا چىقىدىغان نىيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى (NYT) گېزىتىگە بايانات بەرگەن ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىسرائىلىيە ئەمەلدارىنىڭ قىلغان سۆزلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى فاھرىزادەنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى رەسمىي يوسۇندا قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتىنىڭ سۈيىقەستنى تەشكىللىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولدى.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى فاھرىزادەنىڭ ھەر بىر تاشلىغان قەدەملىرىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا قارشى زۆرۈر بولغان قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. فاھرىزادە ئەپەندى بەرپا قىلغان ئىراننىڭ يادرو قورالغا ئىگە بولۇش ئارزۇسى، مۇھىم بىر تەھدىت شەكىللەندۇرمەكتە ئىدى. (فاھرىزادەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە) ئىسرائىلىيەگە رەھمەت ئېيتىلىشى لازىم» دېدى.

ئىراننىڭ يادرو پروگراممىسىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان فاھرىزادە، جۈمە كۈنى (2020-يىلى 27-نويابىر)  تېھراننىڭ دېماۋەند ناھىيەسىگە قاراشلىق ئابسەرد رايونىدا ئاپتوموبىلىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇمۇ 2018 - يىلى ئاپرېلدا سۇنغان دوكلاتىدا، «ئىران يادرو پىلانىنىڭ تۈزگۈچىسى» دەپ تونۇلغان فاھرىزادەنىڭ ئىسمىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ئىدى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «يېدىئوت ئاخرونوت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېتانياھۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ فاھرىزادەنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئىما قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر