قىيىن - قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ياۋروپا كېڭىشى قارمىقىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قىيىن – قىستاققا تۇرۇش كومىتېتى، گىرېتسىيەنى كۆچمەنلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇۋەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1530804
قىيىن - قىستاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە گىرېتسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 13-مارتتىن 17-مارتقىچە گىرېتسىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەن ياۋروپا كېڭىشى قىيىن – قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتىتىنىڭ دوكلاتىدا، مەرىچ رايونى ۋە سىسام ئارىلىدىكى كۆچمەنلەرنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچار ۋە كەمسىتىش ماھىيىتىدە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىدە قۇرۇلمىلىق يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دوكلاتتا، كۆچمەنلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلىنماستىن ھاۋالىنىش ۋە خۇسۇسىي تازىلىق بۇيۇملىرى بولمىغان كامېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا،  كۆچمەنلەرگە يەنە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يېتەرلىك ۋە ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دوكلاتتا ، پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ۋە ئىگە – چاقىسىز قالغان بالىلارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىتتا ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، گىرېتسىيە، بالىلارنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق مەركەزلەردە تۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

كومىتېتنىڭ، كۆچمەنلەرنىڭ مەرىچ چېگراسىدىن تۈركىيەگە قايتىشقا مەجبۇرلارنغانلىقى توغرىسىدا «ئىزچىل ۋە ئىشەنچىلىك ئەيىبلەشلەرنى تاپشۇرۇۋالغان»لىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا يەنە، گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرنى تۈركىيەگە قايتۇرۇۋەتمەسلىك ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى

دوكلاتتا، قىيىن – قىستاققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرىنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ كېمىلىرىنى گىرېتسىيە چېگرالىرىغا يېقىنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرا ۋە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولى ۋە ئىشتىراكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن، ساقچىلارنىڭ كۆچمەنلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان دوكلاتتا، گىرېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ كۆچمەنلەرنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ يالغان ۋە ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە دائىر مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر