ئامېرىكا مەۋجۇت ئۇرۇشلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى چرىستوفىر مىللېر ۋەكىللىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەسكەرلەرگە يوللىغان بەلگىلىمىدە، مەۋجۇت ئۇرۇشلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

1529183
ئامېرىكا مەۋجۇت ئۇرۇشلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى چرىستوفىر مىللېر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق تارماقلىرىغا بىر بەلگىلىمە يوللىدى.

مىللېر بەلگىلىمىدە ئورگانلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن بېكىتكەن نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا «پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھازىرقى ئۇرۇشلارنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش» نىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) غا ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈش تەلىپىنى يوللىغان، ئەمما بۇ تەلەپكە دائىر تېخىچە بىرەر رەسمىي قارارنامە ئىمزالانمىغان ئىدى.

غەيرىي رەسمىي شەكىلدە يوللانغان كۆرسەتمىلەرگە دائىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەش بۇرجەكلىك بىنا) پىلان تۈزۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى مەزكۇر دۆلەتلەردىن قانچىلىك ئەسكەرنىڭ چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ترامپ 15 - يانۋارغىچە ئافغانىستان بىلەن ئىراقتىكى ئەسكەر سانىنى 2500 گە قىسقارتىشنى پىلانلىغان.

ترامپ ئالدىنقى ھەپتە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەركىزىنىڭ باشلىقى مىللېرنى ۋاكالەتچى قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر