رۇسىيە سۇداندا دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى قۇرىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن سۇداندا رۇس دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى قۇرۇش قارارنامىسىنى تەستىقلىدى.

1529232
رۇسىيە سۇداندا دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى قۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، سۇداندىكى «پورت سۇدان شەھىرى» دە، رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى قۇرۇش تەكلىپى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، قارارنامىگە ئاساسەن، بازىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سۇدان رۇسىيەنى ھەقسىز زېمىن بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

رۇسىيە، بازىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سۇداندىكى ئايرودۇرۇملار ۋە پورتلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېھتىياجلىق بولغان ھەر تۈرلۈك قورال – ياراغ، ئوق - دورا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدىكەن. بازىدا 300 ھەربىي ۋە يادرو كۈچى خادىملىرى بىلەن 4 پاراخوت بىرلا ۋاقىتتا ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر