ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسى جەزملەشمىدى

ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن 59-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ھازىرغىچە جەزملەشمىدى.

1522886
ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسى جەزملەشمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ سايلام بېلىتىنى ساناشتا قائىدەگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئىشتاتلىق سوت مەھكىمىلىرىگە قىلغان ئەرزى قوبۇل قىلىنمىدى. ھەم مىشىگان (Michigan) ھەمدە جورجىيا (Georgia) ئىشتاتلىرىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە «سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقى» نى سەۋەب كۆرسىتىپ ئەرز سۇنغان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئادۋوكاتلىرى قولى بوش قايتتى.

مىشىگان ۋە جورجىيا سوت مەھكىمىلىرى «سايلامدا قائىدەگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى» غا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەيىبلەشلەر يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتلارغا ئىگە ئەمەس، دەپ قارار چىقىرىلدى.

ئامېرىكانىڭ سايلىمىدا 270 ۋەكىلگە ئېرىشكەن نامزات پىرېزىدېنت بولىدۇ. ھازىرغىچە پېنسىلۋانىيە، جورجىيا، شىمالىي كارولىنا، ئارىزونا، نېۋادا ۋە ئالاسكا قاتارلىق ئىشتاتلاردا سايلام بېلىتىنى ساناش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.

دېموكراتلارنىڭ نامزاتى جو بايدىن 264 ۋەكىلگە ئىگە بولۇپ، 214 ۋەكىلگە ئىگە بولغان پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئالدىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر