ماراكەش فىرانسىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ماراكەش ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەيدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ نەشر قىلىنىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1516021
ماراكەش فىرانسىيەنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلەيدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىدىكى تەرسالىق، بۇنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ پىشىپ يېتىلمىگەنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېيىلدى.

ئىسلامغا ۋە ھەزرەتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا  ھاقارەت قىلىدىغان ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى كۈچلۈك ئەيىبلەنگەن باياناتتا، كىشىلىك ئەركىنلىكنىڭ باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئېتىقادى باشلانغان يەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، 2 مىلياردتىن ئارتۇق كىشىنىڭ دىنى بولغان ئىسلامنى ھاقارەتلەش ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن پىكىر ئەركىنلىكى ھېسابلانمايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، ماراكەشلىكلەرنىڭ جۈمە كۈنى «فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش» تېمىسى بىلەن قوزغىغان سەپەرۋەرلىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ زور قىزىقىش قوزغاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇتەپەككۇر، ئاكادېمىك ئالىم ۋە زىيالىيلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايقۇت قىلىشنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر