ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمى ۋە تاغلىق قاراباغ ئىشغالىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1511704
ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەنخاتتون ئارىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان خەلق ئاممىسى، «شېھىتلار ئۆلمەيدۇ، ۋەتەن بۆلۈنمەيدۇ»، «قاراباغ ئەزەربەيجاندۇر»، «ئەرمېنىيە تېررورلۇقنى توختات!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

ئەتراپتىكى ئىشتاتلاردىن كەلگەن يۈزلىگەن تۈرك ۋە ئەزەربەيجان پۇقرالىرى  قوللىرىدا كۆتۈرۈشكەن لوزۇنكىلار بىلەن گەنجەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا، جېنىدىن ئايرىلغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئەرمېنىيەنىڭ پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئاخبارات ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى ۋە تاجاۋۇزچى پوزىتسىيەسى ئەيىبلەندى.

يىغىلىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئەزەربەيجاننىيۇ يورك جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەرجان يەردەلەنلى ئەزەربەيجانغا بۇ جەرياندا ياردىمىنى ئايىمىغان قېرىنداش تۈرك خەلقىگە رەھمەت ئېيتىپ: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى زور قوللاش، ئالدىنقى سەپتىكى ئەسكەرلىرىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ رىغبەت مەنبەسى بولدى. جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىگە ۋە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسكە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر