خول لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان دائېش ئەزالىرى قويۇپ بېرىلمەكتە

بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خول لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان دائېش ئەزەلىرىدىن 290 كىشىنى قويۇپ بەردى.

1511849
خول لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان دائېش ئەزالىرى قويۇپ بېرىلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) نىڭ يەرلىك مەنبەلەردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تېرورلۇق تەشكىلاتى رايوندا تۇرۇشلۇق ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ كىپىل بولۇش شەرتى بىلەن خول لاگېرىدىن 70 ئائىلىدىن تەشكىل تاپقان ۋە سانى 290 گە يېقىن تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەن.

قويۇپ بېرىلگەنلەر ئارىسىدا نۇرغۇن ساندا دائېش ئەزاسى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك ئالدىنقى ھەپتىمۇ تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان 631 كىشىنى تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان جايدىن تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تارقاقلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تېرورلۇق تەشكىلاتى ئىلگىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلىپ، دائېش ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە يۈز كىشىنى قويۇپ بەرگەن ئىدى.

بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك 2017 - يىلى ئاپرېلدا قۇرۇلغان خول لاگېرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇشتىن قاچقان پۇقرالاردىن باشقا يەنە، ئۆزى تەسلىم بولغان دائېش ئەزالىرى ۋە ئائىلىلىرىنى تۇتۇپ تۇرماقتا ئىدى.

لاگېردا بۇ تەشكىلات تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان پۇقرالارنىڭ  ئىنسانىيەتكە خىلاپ شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

لاگېردىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر؛ تازىلىقتىن مەھرۇم،  ھاجەتخانا، مۇنچا ئۆيلىرى، يىرتىق چېدىرلار، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن يېمەكلىكلەر، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەر، دورا بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىك ۋە بىمارلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماسلىق قاتارلىقلار ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 10 مىڭ كىشىلىك خول لاگېرىدا 7-8 ھەسسە ئارتۇق كىشى تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپىدىكەن.

خول لاگېرىدا تەخمىنەن 50 دۆلەتتىن كەلگەن بىر قانچە مىڭ چەتئەللىك ۋە نۇرغۇن ساندا سۇرىيە ۋە ئىراقلىق تېرورچىلارنىڭ بارلىقى مەلۇم.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر