پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سائىب ئۇرەيقات، فەتىھ ھەرىكىتى بىلەن ھاماسنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، پەلەستىندە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1496800
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇرەيتقات، «پەلەستىن ئاۋازى رادىيوسى» غا بەرگەن باياناتىدا، فەتىھ ھەرىكىتى بىلەن ھاماسنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، پەلەستىندە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، فەتىھ ھەرىكىتىنىڭ، ھاماس ھەيئىتىنىڭ، پەلەستىندە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئالاقىدار ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا قايتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ھاماسنىڭ ماقۇللىنى ئالغان ھامان، ھەم ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ھەمدە غەززە رايونىدا سايلام ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى قارارنامىسى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە سايلام ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ كۆزىتىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇ ھەقتە ھاماس تەرىپىدىن ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.

ئالدىنقى كۈنى تۈركىيەدە، ھاماس ھەيئىتى بىلەن فەتىھ ھەرىكىتى ھەيئىتى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار ئۇچرىشىشلار باشلانغانىدى.

پەلەستىندە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2006 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامدا ھاماس غەلىبە قىلغان، 2005 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت رەئىسلىكى سايلىمىدا مەھمۇد ئابباس ئۇتۇپ چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر