لىۋىيە ب د ت دىن ياردەم تەلەپ قىلدى

لىۋىيە ھۆكۈمىتى ب د ت دىن «خەلقئارا دېموكراتىك مېخانىزملىرىغا ئاساسەن» ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلدى.

1493017
لىۋىيە ب د ت دىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى خالىد ئەلمىشرى لىۋىيەدىكى ئاساسىي قانۇن مۇساپىسى توغرىسىدا ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررسقا مەكتۇپ ئەۋەتتى.

دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى خالىد ئەلمىشرى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنىڭ تاماملانغىنىغا ئىككى يىلدىن ئارتۇق بولغان بولسىمۇ، ئاخىرقى قەدىمى بولغان رېفېراندۇم باسقۇچىدا توسۇلۇپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاساسىي قانۇن مۇساپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن، ب د ت دىن خەلقئارا دېموكراتىك مېخانىزملىرىغا ئاساسەن رېفېراندۇمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

لىۋىيەدە يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھەسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان 60 ئەزاسى بار ئاساسىي قانۇن تەييارلاش كومىتېتى، 2017-يىلى ئىيۇلدا دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاساسىي قانۇنى بولىدىغان لايىھە خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر