شى جىنپىڭ باشقىلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ، باشقىلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1490770
شى جىنپىڭ باشقىلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى گېرمانىيەنىڭ باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى – خىتاي رەھبەرلىرى سىن كۆرۈنۈشلۈك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ يىغىندا، باشقىلارنىڭ دۆلىتىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا، دۆلىتىدە مۇقىمسىزلىق، توقۇنۇش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان ھەر قانداق كۈچ ياكى شەخسكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شى جىنپىڭ يىغىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ، بۇلارنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرلىكتە ياشاش، ھەمكارلىق ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىككە سادىق بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر