خىتاي ئامېرىكالىق دىپلوماتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قوشۇمچە چەكلىمىلەرنى قويدى

بېيجىڭ، خىتاي ۋە خوڭكوڭدا ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە يېڭى چەكلىمىلەرنىڭ قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1489298
خىتاي ئامېرىكالىق دىپلوماتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قوشۇمچە چەكلىمىلەرنى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كونسۇلخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتتا يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن «ھەر ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە نورمال ئالماشتۇرۇش» نى قوللايدىغانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا بۇلتۇر خىتاي دىپلوماتلىرىغا قاراتقان تەدبىرلىرىنى بىكار قىلسا، بېيجىڭ تەرىپىدىن قويۇلغان يېڭى چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان باياناتچى باياناتىدا، «بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتالىقلىرىنى تېزدىن تۈزىتىشكە، شۇنداقلا خىتاي ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى ۋە خىزمەتچىلەرگە قويۇلغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز. خىتاي ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىگە ئوخشاش ئۇسۇلدا جاۋاب قايتۇرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر