ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئەللىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

1488322
ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 53 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك  تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئىختىلاپلىق سۇ تەۋەلىكلىرىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە باياناتلار بىلەنلا ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلۇشى لازىملىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەمىشە بۇ دۆلەتلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى  تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى نىزامنامىسىدىن ئورۇن ئالغان دېموكراتىك قىممەت قارىشى، ئىگىلىك ھوقۇق، باراۋەرلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، باياناتلار يېتەرلىك ئەمەس، ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەك. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىزنى ۋە خەلقىمىزنى بېسىۋېلىشىغا يول قويمايلى. ئۆزۈڭلارغا تولۇق ئىشىنىڭلار، ئامېرىكا سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ، دوست سۈپىتىدە يېنىڭلاردا بولىدۇ.»

خىتاي، 1947-يىلى ئېلان قىلغان «توققۇز لىنىيەلىك سىزىق» ناملىق خەرىتە ئارقىلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ% 80 تىدە ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلماقتا. خىتاينىڭ بۇ رايوننىڭ مول سۇ ئاستى مەنبەلىرىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى، فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېيتنام، برۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بېيجىڭنىڭ تالاش-تارتىشلىق سۇ تەۋەلىكلىرىدە بەرپا قىلغان سۈنئىي ئاراللار ئۈستىگە قۇرغان ھەربىي بازىلىرىنى قوراللاندۇرغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالار، ئامېرىكا ۋە رايون دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

2016-يىلى، خەلقئارا كېسىم سوتى، فىلىپپىننىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن چىقارغان قارارىدا، خىتاينىڭ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپلىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى قارارلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر