خىتاي ئامېرىكانى «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھەربىيلەشتۈرۈشنىڭ قوزغاتقۇچىسى» دەپ ئەيىبلىدى

خىتاي ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىختىلاپلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ۋە رايوندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى تەنقىد قىلدى

1488285
خىتاي ئامېرىكانى «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى ھەربىيلەشتۈرۈشنىڭ قوزغاتقۇچىسى» دەپ ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سىن يىغىنى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 53 - نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىكى سۆزىدە، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىختىلاپلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ۋە رايوندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

مىنىستىر ۋاڭ يى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قىرغىقى بولمىغان تالاش-تارتىشلىق دېڭىز ساھەسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە تەرەپ بولۇۋىلىش ئارقىلىق رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆز-ئارا مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاڭ يى ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنى بارغانچە ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ پوزىتسىيە ئارقىلىق رايوندا كۆپ تەرەپلىك ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلارنىڭ قوزغاتقۇچىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىنىڭ داۋملاشتۇرىلىشىدا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ۋاڭ يى: «خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا قاتارلىق رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت ئۈمىتلىرى بىلەن جىددىيلىك پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ» دېدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىغا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا ئوخشاش «دىئالوگ شېرىكى» سۈپىتىدە قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋە كەسكىن پوزىيتسىيەسىنى ئىپادىلەش چىقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ تالاش-تارتىشلىق دېڭىزدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قارشى پەقەتلا سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەنمۇ جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، رايوندىكى دۆلەتلەرگە «ئامېرىكا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ» دەپ، ئۇچۇر بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر