ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى ئوتتۇرىسىدا يۈك ئايروپىلانى قاتنىشى باشلىنىدۇ

ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدا يۈك ئايروپىلانى قانتىشىنىڭ 16- سېنتەبىردە باشلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1484550
ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكى ئوتتۇرىسىدا يۈك ئايروپىلانى قاتنىشى باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مېدىيا ئورگىنى -  كان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىدىن كېيىن ، ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتى – ئەل ئالنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ھەپتىلىك يۈك ئايروپىلانى قاتنىشىنى قويىدىغانلىقىنى،تۇنجى ئايروپىلاننىڭ 16- سېنتەبىردە قاتنايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتى مەسئۇللىرى، يۈك ئايروپىلانلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنلىرى تېل ئاۋىۋدىن ئۇچۇپ ، جۈمە كۈنلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تېل ئاۋىۋغا قايتىدىغانلىقىنى بىلدردى.

ئەمەلدارلار ئايروپىلانلارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى توشۇيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، بۇ سايىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىسرائىلىيەگە مال توشۇش پونكىتى رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى قەيت قىلىشتى.

تېل ئاۋىۋ بىلەن ئەبۇدابى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سودا ئايروپىلانى قاتنىشى 31- ئاۋغۇستتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم ھاۋا بوشلۇقىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13- ئاۋغۇستتا ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «مۇناسىۋەتلىرىنى پۈتۈنلەي نورماللاشتۇرۇش» توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مىسىر (1979  - يىلى)، ئىيوردانىيە (1994 – يىلى) دىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئۈچىنچى ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر