ترامپنىڭ كۈيئوغلى كۇشنېر شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمانغا بېسىم ئىشلىتىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە مەسلىھەتچىسى جارېد كۇشنېرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيە ھەيئىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا قىستىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1482068
ترامپنىڭ كۈيئوغلى كۇشنېر شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمانغا بېسىم ئىشلىتىۋاتامدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە مەسلىھەتچىسى جارېد كۇشنېرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا قىستىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان «Yediot Ahronot» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، «كۇشنېر مۇھەممەد بىن سالمانغا بېسىم ئىشلىتىپ، كېلەر ئايدا ۋاشىنگتوندا ئىمزالىنىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئىسرائىلىيە-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ نورماللىشىش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتنىشىشقا قىستىماقتا» دېگەن ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى.

كۇشنېرنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان بېسىمىنىڭ باشلانغانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە يەنە، «كۇشنېر تىرىشچانلىقلىرىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشىگە ئايرىشنى خالايدۇ» دېيىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەبۇزەبى زىيارىتىنىڭ ئىسرائىلىيە ھەيئىتىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى زىيارىتى بىلەن ئوخشاش كۈنگە توغرا كىلىشى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، كۇشنېرنىڭ بىن سالماننى بۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ياردەمچىلىرى بىلەن مەخسۇس خىزمەت ئىشلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە قارىتا پىكىر ئوخشىماسلىقلىقلىرى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان خەۋەردە يەنە، پادىشاھ سالماننىڭ بۇنداق بىر قەدەمنى تاشلاشقا قارشى چىققانلىقى، ئوغلى سالماننىڭ بولسا، بۇنىڭغا تېخىمۇ ئوچۇق ئىكەنلىكى، لېكىن كۇشنېرنىڭ تەكلىپىنى تېخىچە قوبۇل قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «قارىماققا كۇشنېر بىلەن بىن سالماننىڭ مۇناسىۋىتى، ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئەبۇزەبىگە ئېلىپ بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىگە قوشۇلۇشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننى ماقۇل دېگۈزگەندەك قىلىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13 - ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى پۈتۈنلەي نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 1979 - يىلى مىسىر  ۋە 1994 - يىلى ئىيوردانىيەدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان ئۈچىنچى ئەرەب دۆلىتى بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر