ئامېرىكا رۇس ئايروپىلانلىرىغا تەدبىر قوللاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئەسى قوماندانلىق ئىشتابى ئالاسكا ئەتراپىدا رۇسىيەگە ئائىت 3 گۇرۇپپا چارلاش ئايروپىلانىغا تەدبىر قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1481217
ئامېرىكا رۇس ئايروپىلانلىرىغا تەدبىر قوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئەسى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «KC-135» تىپلىق نېفىت ئايروپىلانلىرى ھەمراھ بولغان «F-22 Raptor» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق 3 گۇرۇپپا  «Tupolev Tu-142» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا تەدبىر قوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى، ھەمدە بۇ ئايروپىلانلارنىڭ، رايوندا تەخمىنەن 5 سائەت ئايلانغانلىقى، ئالاسكاغا 50 دېڭىز مىلىغىچە يېقىنلاشقانلىقى، بۇ جەرياندا خەلقئارا ھاۋا تەۋەلىكىدە قالغانلىقى تەكىتلەندى.

شىمالىي ئامېرىكا ھاۋا مۇداپىئەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال گلېن ۋانھېرك، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىشتاب ساھەسىدە يېقىندىن بۇيان چەت ئەللەرنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 12 قېتىمدىن ئارتۇق تەدبىر قوللاندۇق، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك رەقەمدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر