سۈرىيەدە رۇسىيە ئەسكەرلىرى قەستەنلىك بىلەن 4 ئامېرىكا ئەسكىرىنى يارىلاندۇردى

سۈرىيەدە رۇسىيە ھەربىي ماشىنا ئەترىتى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي ماشىنا ئەترىتىدىن ئىككى ئاپتوموبىل بىر بىرىگە سوقۇلۇپ، كەم دېگەندە 4 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1479991
سۈرىيەدە رۇسىيە ئەسكەرلىرى قەستەنلىك بىلەن 4 ئامېرىكا ئەسكىرىنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى CNN نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى كۈنى سۈرىيەنىڭ شەرقىدە رۇسىيە ھەربىي ماشىنا ئەترىتىدىن بىر ئاپتوموبىل قەستەنلىك بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەۋە بىر ئاپتوموبىلغا سوقۇلغان ۋە نەتىجىدە ئاز دېگەندە 4 ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان.

ئالاقىدار مەسئۇللار يەنە، ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا رۇسىيە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ پەس ئەمما تېز سۈرئەت بىلەن ئۇچقانلىقىنى، بۇنىڭ ئومۇمەن مەيداندىكى ئەسكەرلەرنى ئۈركۈتۈپ تارقىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تاكتېكا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، دەسلەپكى ۋاقىتلاردىن باشلاپلا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئىكەنلىكى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) نىڭ تېخىچە بۇ ھەقتە رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون ئۇللىيوت سۈرىيەدە چارشەنبە كۈنى بىر ئامېرىكا ھەربىي ئاپتوموبىلى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئاپتوموبىلى ئوتتۇرىسىدا سوقۇلۇش بولغانلىقىنى جەزمشلەشتۈردى.

ئۇللىيوتنىڭ باياناتىدا، 4 ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان ۋەقەدە سەۋەنلىكنىڭ رۇسلاردا ئىكەنلىكى ۋە جىددىيچىلىكنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقماسلىقى ئۈچۈن ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ چېكىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يارىلانغان ئامېرىكا ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئەمەسلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر