ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەدە مىڭلىغان كىشى چىرىكلىك دېلوسى ۋە ۋۇخەن  ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشتىكى مەغلۇبىيىتى سەۋەبىدىن باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

1477624
ئىسرائىلىيەدە باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قارا بايراقلىقلار ھەرىكىتى» دەپمۇ بىلىنىدىغان گۇرۇپپىنىڭ چاقىرىقى بىلەن مىڭلىغان كىشى ساقچىلارنىڭ چەكلىشىگە پىسەنت قىلماستىن، غەربىي قۇدددۇستىكى چورد كۆۋرۈكىدىن باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىش جەريانىدا، پات – پات نامايىشچىلار بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىكلەر يۈز بەردى.

7 نامايىشچى جەمئىيەت تەرتىپنى بۇزۇش ۋە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەتكە ئېلىندى.

يۈرۈشتىن كېيىن باش مىنىستىرلىق تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەن نامايىشچىلار نامايىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى.

ساقچىلار نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىغان كوچىغا تۇتىشىدىغان يوللارنى قاتناشتىن توختاتتى ۋە  ئەتراپتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر