ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى جەميس جېفرېي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1477256
ئامېرىكا ئالاھىدە ۋەكىلى تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، جېفرېي، مىنىستىرلىق مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ۋە سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسى جوئېل رايبۇرن قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىرلىكتە  22 – 28 – ئاۋغۇست كۈنلىرى تۈركىيە ۋە شىۋېتسارىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن. ھەيئەتنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش، سۈرىيە كىرىزىسى، رايوندىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2015 – يىلى 18 – دېكابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان سۈرىيەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي چارە تېپىش چاقىرىقىغا ئالاقىدار  2254 – نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك باسقۇچ قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، جېفرېي ئىستانبۇلدا سۈرىيەلىك ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي بېسىملىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىكەن.

شىۋېتسارىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا جەنۋەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېير پېدېرسېن بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدىغان جېفرېي، سۈرىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ 3 – باسقۇچلۇق مۇزاكىرىلىرىگە قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر