خىتاي، ئامېرىكا بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى سوت ساھەسى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى توڭلاتتى

خىتاي، ئامېرىكا بىلەن خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئوتتۇرىسىدىكى سوت ساھەسى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1476847
خىتاي، ئامېرىكا بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى سوت ساھەسى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى توڭلاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىچىيەن بۇ قارارنىڭ ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ بىلەن بولغان ئۈچ تەرەپلىك كېلىشىمنى بېكار قىلغانلىقىغا قايتۇرۇلغان جاۋاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ قايتۇرىلىشىغا ئالاقىدار ئۆزئارا كېلىشىمنى ھەمدە خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورتى كىرىمىگە باج كەچۈرۈم قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى بېكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتايدا يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئاپتونومىيەسى تالاش - تارتىشلىق ھالغا كېلىپ قالغان رايوننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يىرىكچىلىك پەيدا قىلغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى.

ئىگىلىنىشچە، ئىككى دۆلەت 1-ئايدا ئىمزالىغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجىنىڭ ئۆز-ئارا ئۆسۈشىنى ۋاقتىنچە توختىتىش 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گاۋ فېڭ 6 ئاينى تاماملىغان 1 يىللىق كېلىشىمنىڭ مۇساپىسىنى مۇزاكىلىشىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تېلېگراف يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر