يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 643040 تىن ئاشتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16 مىليونغا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 10 مىليونغا يېقىنلاشتى.

1461647
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم شەرق ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 757 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 31358 گە، تۈنۈگۈن  بىر كۈندە يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان 48916 كىشى قوشۇلۇپ جەمئىي 1 مىليون 336861 گە؛ رۇسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 13192 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 806720 گە؛ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە قازا قىلغانلار سانى 6343 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 421996 گە يەتتى.

خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى دوكلات قىلىنمىدى، يېڭىدىن 34 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 83784 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

298 ئادەم قازا قىلغان جەنۇبىي كورېيەدىمۇ يېقىنقى بىر كۈن ئىچىدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى دوكلات قىلىنمىدى؛ يېڭىدىن 113 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 14092 ئىكەنلىكى، ئارىدىن 4 ئايچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۈنلۈك يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 100 دىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر