يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 643040 تىن ئاشتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 16 مىليونغا، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 10 مىليونغا يېقىنلاشتى.

1461606
يۇقۇمنىڭ بىر قىسىم غەرب ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر يېڭى ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ دائىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قازا قىلغانلار سانى 148 مىڭدىن ئاشتى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 4 مىليون 232 مىڭغا يەتتى.

بىرازىلىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 1156 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 85238 گە، يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 55819 كىشىنى قوشقانداق جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 2 مىليون 343366 گە يەتتى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 737 ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 42645 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغان 7573 كىشىنى قوشقانداق جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 378285 كە يەتتى.

فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 30192 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 212102 گە؛ ئىسپانىيەدە قازا قىلغانلار سانى 28432 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 272421 گە؛ بېلگىيەدە قازا قىلغانلار سانى 9817 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 65199 غا؛ پۇرتۇگالىيە قازا قىلغانلار سانى 1712 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 49692 گە يەتتى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر