سەرراج قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراج قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى بىلەن كۆرۈشتى.

1461149
سەرراج قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسسەرراج بىلەن ئالسانىنىڭ ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشىدا، لىۋىيەدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. ھەر ئىككى تەرەپ، لىۋىيە كىرىزىسىنىڭ، 2015 – يىلى دېكابىردا تۈزۈلگەن «سۇھەيرات كېلىشىمى»، 2020 – يىلى يانۋاردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «بېرلىن كونفېرانسى» نىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

تەرەپلەر، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۆپلىگەن ساھەلەردە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىمۇ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر