ئافغانىستاندا ھەربىي بازا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي بازىغا قىلىنغان ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئىككى ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى.
1459881
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر زۇۋاقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىر زوراۋاننىڭ ھېلماند رايونىنىڭ نەھرى سىراج رايونىغا جايلاشقان ھەربىي بازىغا ئاپتوموبىل بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە ئىككى ئەسكەر قازا قىلغان، 6 ئەسكرە يارىلانغان. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.