بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى قارا دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

تۈركىيەمۇ ئىشتىراك قىلغان «Sea Breeze-2020» ناملىق ھەربىي مانېۋىر قارا دېڭىزدا باشلىدى.

1458598
بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرى قارا دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قارا دېڭىزدا باشلانغان «Sea Breeze-2020» ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، نورۋېگىيە، رومېنىيە، بۇلغارىيە، گىرۇزىيە، ئىسپانىيە ۋە ئۇكرائىنادىن 2 مىڭغا يېقىن ئەسكەرنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن پەقەت دېڭىز ۋە ھاۋا قىسمىلا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان مەزكۇر ھەربىي مانېۋىردا 20 دىن ئارتۇق ئۇرۇش پاراخوتى، ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

«Sea Breeze-2020» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنىڭ نىشانى، قارادېڭىز رايونىدا مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، مانېۋىرنىڭ 7 كۈن داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر