تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 8 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر قازا قىلدى.

1458160
تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 8 يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، كاتسىنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق شىمفىدا رايونىدا ئەسكەرلەرگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىنغان. ھۇجۇمدا 16 ئەسكەر قازا قىلىپ، 28 ئەسكەر يارىلانغان.

يەنە بىر تەرەپتىن نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ھەرىكەتتە، 8 يۇقىرى دەرىجىلىك تەشكىلات ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

نىگېرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جون ئېنېچ بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە تېرورچىلار ئىشلەتكەن پاناھجايلار ۋە ترانسپورت ماتېرىياللىرىنىڭمۇ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر