كانادا: «خىتاي بىلەن ئىران ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا جاۋاپكار»

كانادا تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر دوكلاتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا خىتاي بىلەن ئىراننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

1457603
كانادا: «خىتاي بىلەن ئىران ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا جاۋاپكار»
dünya-korona virusu_02.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى ئىشخانىشى كانادانىڭ پايتەختى ئوتتاۋاغا جايلاشقان ماكدونالد-لاۋئېر ئىنستىتۇتى ۋە كانادا بىخەتەرلىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەرىپدىن «كوۋىد -19 يۇقۇمى ۋە يوشۇرۇلۇشىدا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ جاۋابكارلىقى» ماۋزۇلۇق دوكلات تەييارلاندى.

دوكلاتتا، خىتاي ۋە ئىراننىڭ كوۋىد -19 نى يورۇشقا جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلىنىپ، «بۇ ئەھۋال ھازىرمۇ تەرەققىي قىلماقىتا، ھەم خىتاي، ھەم ئىران ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھالقىلىق دەسلەپكى مەزگىللەردە يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئىسپاتلارنى كۆمۈۋەتكەنلىكى، ئاممىنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكى بەدىلىگە ھوقۇق ياكى مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان كۈچلۈك پاكىتلار بار. بۇ ئىككى دۆلەت ۋىرۇسنى قەستەن دوكلات قىلمىدى، يۇقۇمنىڭ دائىرىسىنى خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئۆز پۇقرالىرىدىن يوشۇرۇش، خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىغانلارنى بولسا، جىمىقتۇرۇش يولىنى تۇتتى» دېيىلدى.

دوكلاتتا، كانادا ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي ۋە ئىراندىن ھېسابات ئېلىشى ئۈچۈن باشقا قانۇنىي يوللارنىڭمۇ مەۋجۇتلىقى بىلدۈرۈلدى ھەمدە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇق شەرتنامىسى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا سەھىيە نىزامى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم نىزامنامىسى ۋە بىئولوگىيىلىك قوراللار ئەھدىنامىسى قاتارلىق خەلقئارالىق كېلىشىملەردە بەلگىلەنگەن خەلقئارالىق قانۇنىي مەسئۇلىيىەتلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا يەنە، ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىدارىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاي ۋە ئىراننى جازالىشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر