يۇقۇمنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار

دۇنيا مىقياسىدا كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 599750 دىن، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 14 مىليون 208 مىڭدىن، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 8 مىليون 481 مىڭدىن ئاشتى.

1457283
يۇقۇمنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 142064 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 3 مىليون 770 مىڭغا؛ بىرازىلىيەدە قس 77851 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يۇقۇم بايقالغان 34177 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 2 مىليون 46328 گە؛ مېكسىكادا قازا قىلغانلار سانى 38310 غا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 331298 گە؛ ئەنگلىيەدە قازا قىلغانلار سانى 45233 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 293239 غا؛ ئىتالىيەدە قازا قىلغانلار سانى 35028 گە؛ فىرانسىيەدە قازا قىلغانلار سانى 30152 گە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 207978 گە يەتتى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 671 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي قازا قىلغانلار سانى 26273 كە، ئوخشاش ۋاقىتتا يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان 34884 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 1 مىليون 38716 گە يەتتى.

ئەرەب دۆلەتلىرىدە بولسا، ئومماندا قازا قىلغانلار سانى 298، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 64193؛ كۇۋەيتتە قازا قىلغانلار سانى 404، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 58221، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە قازا قىلغانلار سانى 337، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 56422، قاتاردا قازا قىلغانلار سانى 153، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 105898.

ئافرىقا قىتئەسىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە قازا قىلغان 370 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 14442 گە يۇقۇملانغۇچىلار سانى يېڭىدىن دىياگنوز قويۇلغان 20489 كىشىنى قوشقاندا جەمئىي 668068 گە يەتتى.

4669 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلغان  جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى ئافرىقادىكى يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ ئادەم قازا قىلغان دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مىسىردا 4120، ئالجىرىيەدە 1052 كىشى قازا قىلدى.

جەنۇبىي ئافرىقادا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 324221 گە، مسىىردا 85771 گە، نىگېرىيەدە 34854 گە يەتتى؛ ئافرىقا مىقياسىدا جەمئىي يۇقۇملانغۇچىلار سانى 346500 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر