ئامېرىكا 5 خىتاي ۋە 2 خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، «فېنتانىل» ئىسىملىك بىر دورىنى قاچۇرۇپ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن 5 خىتاي بىلەن 2 خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1457335
ئامېرىكا 5 خىتاي ۋە 2 خىتاي شىركىتىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كۆكناردىن پايدىلانغان ھالدا ياسالغان، ھەم ئاغرىق پەسەيتىش ھەم زەھەرلىك چېكىملىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر دورىنىڭ ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان 5 خىتاي بىلەن 2 خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

قارارنىڭ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتايدىن قانۇنسىز يوللار بىلەن چىقىرىلغان فېنتانىل ۋە باشقا تەركىبىدە ئەپيون ماددىسى بولغان دورىلارغا قارشى كۈرەشنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن پومپېيو، بۇ دورىلارنىڭ مىڭلارچە ئامېرىكالىقنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

قارارغا ئاساسەن جى سوڭيەن، جەن لوڭباۋ، چېڭ گۇيفېڭ، جېڭ گۇاڭفۇ ۋە خۇ چى ئىسىملىك خىتاي پۇقرالىرى بىلەن ۋۇخەن لىۋىكا تېخنولوگىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى ۋە يەرشارى بىرلەشمە بىئوتېخنولوگىيە شىركىتى ئىسىملىك شىركەتلەر ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر