ب د ت بالىلار فوندى: يەمەندە 9 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) يەمەننىڭ شىمالىدىكى جەۋف شەھىرىدە 9 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1456198
ب د ت بالىلار فوندى: يەمەندە 9 پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇم تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئەھۋال

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ يەمەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «جەۋف شەھىرىدە پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە يارىلاندۇرغان ھۇجۇم ھەققىدىكى بىز تاپشۇرۇۋالغان دوكلات بىزنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى. بالىلار ھەمىشە، بولۇپمۇ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> مەزگىلىدە قوغدىلىشى كېرەك. دۆلەتتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق تەرەپلەرنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە ۋە پۇقرالارنى قوغداشقا چاقىرىمىز.»

يەمەندىكى ئىران ياردەم بېرىۋاتقان ھۇسىيلار، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى جەۋف ۋىلايىتىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئىككىسى ئايال بولۇپ، جەمئىي 9 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 5 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە ھۇسىيلار، 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە بىر قىسىم رايونلارنى كونترول قىلماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بولسا، 2015 – يىلى مارتتىن  بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەمەن ھۆكۈمىتىگە ياردەم بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر