خىتاي ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى خىتاي بىلەن جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1454762
خىتاي ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ۋاشىنگتون ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار باياناتىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە باشقىلىرىنىڭ، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى كۆرمەسكە سالغانلىقى ۋە ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېلىشمەسكلىكلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىچىدىن ئورۇن ئالغان بىر دۆلەت ئەمەس، لېكىن، مەسىلىگە ئارىلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا، مۇقىملىقنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ھەيۋە كۆرسەتمەكتە، سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتمەكتە ۋە رايوندىكى ئۆزئارا قۇتۇبلىشىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.»

پومپېيو، تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان سۇ تەۋەلىكىنىڭ سىرتىدىكى پۈتكۈل ھەق تەلەپ دەۋالىرىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ كۆپ قىسمىدىكى دېڭىز ھالقىغان ھەق تەلەپ دەۋالىرىنىڭ پۈتۈنلەي قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۆز ئالدىغىلا ئىرادىسىنى رايونغا تاڭىدىغان قانۇنىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئۇ، 3 – ئىيۇل كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ھەربىي مانېۋىرلىرىنى «ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرى» دەپ ئاتىغان، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى «قانۇنسىز ھەق تەلەپ دەۋالىرى» غا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، 9 – ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ، باشتىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەڭ جىددىي سىناقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارشى «تېخىمۇ تەرەپسىز ۋە سوغۇققان» ئاڭ شەكىللەندۈرۈشى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر