«130 مىليون ئادەم سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاچارچىلىققا دۇچار بولۇشى مۇمكىن»

كوۋىد – 19 تۈپەيلى بۇ يىل 130 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاچلىققا دۇچار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1454698
«130 مىليون ئادەم سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاچارچىلىققا دۇچار بولۇشى مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىتالىيە مەركەزلىك ئورگانلىرى، ئاشلىق ۋە يېزا – ئىگىلىك تەشكىلاتى، دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، خەلقئارا يېزا – ئىگىلىك تەرەققىيات فوندى، ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى – يۇنېسكو ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىقلار تەييارلىغان «ب د ت 2020 دۇنيا ئاشلىق بىخەتەرلىكى» دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى ئاچ ئادەم سانى 2018 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 2019 – يىلى 10 مىليون ئادەم كۆپىيىپ تەخمىنەن 690 مىليونغا يېقىنلاشقان.

ئاچارچىلىقنىڭ سان جەھەتتە ئاسىيادا كۆپ ئىكەنلىكى، بىراق ئافرىقادا تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ئاسىيانىڭ 381 مىليون ئادەم ئېغىر دەرىجىدە تولۇقسىز ئۇزۇقلىنىدىغان قىتئە ئىكەنلىكى، بۇ ساننىڭ ئافرىقادا 250 مىليون، لاتىن ئامېرىكا بىلەن كارىب ئەللىرىدە بولسا 48 مىليون ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

مەزكۇر دوكلاتنى تەييارلىغان بەش تەشكىلاتنىڭ، 5 يىل ئىلگىرى «2030 دا ئاچارچىلىققا خاتىمە بېرىش نىشانى» نى بېكىتىپ چىققانلىقى، بىراق، بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئاچارچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئېشىش سۈرئىتى داۋاملاشقان تەقدىردە، «نۆل ئاچارچىلىق» نىشانىغا يەتكىلى بولماسلىق بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، 2030 – يىلىغا بارغاندا ئاچارچىلىققا مۇپتىلا بولىدىغان ئىنسان سانىنىڭ 840 مىليوندىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كوۋىد – 19 نىڭ دۇنيا ئاشلىق سىستېمىسىدىكى سەزگۈرلۈك ۋە يېتەرسىزلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، «ب د ت نىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن 2020 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 130 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاچلىق باسقۇچىغا قەدەم قويۇشىنىڭ ئېھتىمالى بارلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر