ئىسرائىلىيە غەززەدە 6 ئايدا، 6 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

ئىسرائىلىيە قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 6 ئېيىدا، 6 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 22 پەلەستىنلىكنى نازارەتكە ئالدى.

1454007
ئىسرائىلىيە غەززەدە 6 ئايدا، 6 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىندىكى ئەل - مىزان كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغا ئالاقىدار تەييارلىغان دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا غەززەدە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن 6 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 38 كىشىنىڭ يارىدار قىلىنغانلىقى ۋە 22 پەلەستىنلىكنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىگە قارىتا ھېچقانداق تەھدىت كۆرۈمىگەن شارائىتتىمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن باياناتتا، مەزكۇر جىنايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ غەززە ساھىللىرىدىكى بېلىقچىلارغا ۋە چېگرادىكى سىم توساقلارغا يېقىنلاشقان نامايىشچىلارغا قارىتا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ سىستېمىلىق ھالدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى غەززەگە قارىتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قامال قىلىشنى بىكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلىندى.

ھاماس ھەرىكىتى 2006 - يىلىدىكى پەلەستىن پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، غەززەگە قارىتا بېسىم كۈچەيگەن شۇنداقلا ئىسرائىلىيە دېڭىز، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن شەھەرنى قورشاۋ ئاستىغا ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر