ئەنگلىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا داۋاملىق قورال سېتىپ بېرىدۇ

ئەنگلىيە يەمەندە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇملارنى قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستانغا داۋاملىق قورال سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

1451126
ئەنگلىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا داۋاملىق قورال سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا سودا ۋەزىرى لىز ترۇس (Liz Truss) ھۆكۈمەتنىڭ سېتىشىنى توختىتىپ قويغان سوت قارارى رامكىسىدا، قورال ئېكسپورت رۇخسىتىنى تەكشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى «كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان ۋەقەلەر» نىڭ، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغان ئېھتىمالى بار بولسىمۇ، ئۇلارغا «ئايرىم ئەھۋاللار» شەكلىدە قارىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇققا بويسۇنۇش مەسىلىسىدە سەمىمىي ئىكەنلىكى ۋە قوراللارنى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشقا ئىشلىتىشتە، ئوچۇق خەتەر يوق دەپ خۇلاسە چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر قارارنىڭ، ئەنگلىيەنىڭ 2020-يىلى 6-ئىيۇل سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدە رول ئوينىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەت ئاسىرى ۋە ۋەلىئەھدى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ مەسلىھەتچىسى ئابدۇللاھ ئەل قاھتانىمۇ بار بولغان 20 كىشىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن چىقىرىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

ئەنگلىيەنىڭ يېڭى ئېمبارگو سىياسىتى بىلەن «ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە ئارىلاشقانلارنى نىشان قىلىدىغانلىقى» قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر