ھىندىستاندا بىر كۈندە 24 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 537 مىڭ 372 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىليون 586 مىڭ 784 تىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىليون 553 مىڭ 128 دىن ئاشتى.

1449812
ھىندىستاندا بىر كۈندە 24 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ۋەقە كۆرۈلگەن ئۈچىنچى دۆلەت بولغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 425 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 19 مىڭ 693 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 24 مىڭ 248 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 697 مىڭ 413 كە چىقتى.

جاممۇ كەشمىر رايونىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بارلىق ئىجتىمائىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى چەكلەندى. بىراق، مىڭلارچە ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ رايوندىكى ئامارنار غارىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

مەسئۇل دائىرىلەر بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر كۈنى زىيارەتچىلەر سانىنىڭ 500 كىشى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى زىيارەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارەت كۈن سانىنىڭ 42 كۈندىن 15 كۈنگە چۈشۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. جاممۇ كەشمىردە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 132 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 8 مىڭ 429 كىشى يۇقۇملانغان ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. ئەمما، تۆت كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، خىتايدا جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 83 مىڭ 557 گە چىقتى. خىتايدا بۈگۈنگىچە 4 مىڭ 634 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە بىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 284 كە چىقتى. 48 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 13 مىڭ 139 غا چىققان بولدى.

پاكىستان سەھىيە مىنىستىرى زافەر مىرزا ئۆزىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ تۋىتېتردا بايانات ئېلان قىلىپ: «دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئۆزەمنى ئۆيۈمدە كارانتىن قىلىۋاتىمەن ۋە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتىمەن» دېدى.

زافەر مىرزا بۈگۈنگىچە پاكىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۆتىنچى مىنىستىر بولۇپ قالدى.

رۇسىيەدە يېقىنقى بىر كۈندە 135 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 10 مىڭ 296 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 6 مىڭ 611 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 687 مىڭ 862 گە چىقتى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە كۆرۈلمىدى. بۈگۈنگىچە ۋىرۇس سەۋەبىدىن تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بۇ دۆلەتتە، بەش نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى بېمارى داۋالانماقتا.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە 105 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىي سان 2 مىڭ 473 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 2 مىڭ 125 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 60 مىڭ 479 غا چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 279 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جنېىدىن ئايرىلغانلار سانى 11 مىڭ 395 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 620 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 479 مىڭ 788 گە چىقتى.

بۈگۈنگىچە 3 مىڭ 343 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان مىسىر، قىتئەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان دۆلەت بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن قالسا، جەنۇبىي ئافرىقادا 3 مىڭ 199 كىشى، ئالجىرىيەدە 952 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ھازىرغىچە سېيشېللار، ئېرىترېيە، ئۇگاندا، نامبىيە ۋە لېسوتودا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە كۆرۈلمىدى.

جەنۇبىي ئافرىقادا يۇقۇملانغانلار سانى 200 مىڭغا يېقىنلاشتى. مىسىر 75 مىڭ 253 يۇقۇم سانى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى. نىگېرىيە 28 مىڭ 711 يۇقۇم سانى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.

ئافرىقا قىتئەسىدە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 230 مىڭدىن ئاشتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #يۇقۇم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر