گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى «توقۇنۇشلارنى توختىتىش»قا چاقىردى

گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى لىۋىيە توغرىسىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.

1443777
گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى «توقۇنۇشلارنى توختىتىش»قا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ، سۈركىلىشنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىش خەۋپىنى نەزەردەدە تۇتۇپ، بارلىق تەرەپلەرنى توقۇنۇشلارنى دەرھال ۋە ئالدىنقى شەرتسىز توختىتىشقا، قوراللىنىشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

باياناتتا، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىختىلاپقا مۇداخىلە قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىغا تولۇق رىئايە قىلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئۈزۈل – كېسىل ۋە ئىشەنچلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ب د ت لىۋىيەنى قوللاش ئىشخانىسىنىڭ ھىمايىسىدە 5+5 ھەربىي كومىتېتىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۈنۈملۈك ئاخىرلىشىش تەرەپدارى ئىكەنلىكلىرى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «بۇ، ئىختىلاپنى تەلتۈكۈس بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان لىۋىيە ئىچى سىياسىي دىيالوگنىڭ كونكېرت شەكىلدە قايتىدىن باشلىنىشىغا تېگىشلىك مۇھىتنى يارىتىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئۇل تېشىدۇر. 6 – ئىيۇندىكى مىسرنىڭ تەشەببۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ يولدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلار قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى ۋە لىۋىيەدىكى كىرىزىسنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان سىياسىي چارىسىنى قوللايدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنىڭ سىغدۇرۇشچان ۋە بىردىنبىر ئىناۋەتلىك رامكىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بېرلىن يىغىنى قارارىغا ماس بولۇشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ: #لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر