خىتاي چېگرادىكى توقۇنۇشنىڭ جاۋابكارلىقىنى پۈتۈنلەي ھىندىستانغا ئارتتى

خىتاي چېگرا رايونىدىكى توقۇنۇش ھەققىدە ھىندىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ھىندىستان تەرەپتە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1442398
خىتاي چېگرادىكى توقۇنۇشنىڭ جاۋابكارلىقىنى پۈتۈنلەي ھىندىستانغا ئارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ سىيېن بېيجىڭدا جاقىرغان قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، 15 - ئىيۇندا ئىككى دۆلەت چېگرا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئۈستىدە توختالدى.

ۋۇ سىيېن ھىندىستان تەرەپنىڭ ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تەلەپ قىلغان گالۋان ۋادىسى تەرەپتە قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالغا كۆپ قېتىم ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ۋۇ ئىككى تەرەپ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ 6 - ئىيۇندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە يىغىندا چېگرا رايونىدىكى جىددىيلىكنى ئازايتىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

باياناتچى ۋۇ بۇ كېلىشىم دائىرىىسدە، ھىندىستاننىڭ گالۋان ۋادىسىغا ئۆتمەسلىككە، چارلاش ۋە قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى قىلماسلىققا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 15-ئىيۇندا ھىندىستان چېگرا قىسىملىرىنىڭ ئىككى تەرەپ ئىلگىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە خىتاي تەرەپنى قەستەن كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋۇ خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن نەق مايدانغا يېتىپ بارغان پەيتتە، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ تۇيۇقسىز شىددەتلىك ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ۋەقە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش پەيدا قىلدى. نەتىجىدە قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار بولدى. بۇ ۋەقە پۈتۈنلەي ھىندىستان تەرەپنىڭ يارىشىشقا خىلاپلىق قىلغانلىقىنىڭ ۋە بىر تەرەپلىمە ئىغۋاگەرچىلىكنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلغان چېگرا رايونىنىڭ خىتايغا تەۋە تەرىپىدە يۈز بەردى. بۇنىڭ جاۋابكارلىقى پۈتۈنلەي ھىندىستانغا تەۋە» دېدى.

باياناتچى ۋۇ يەنە ھىندىستاننى ۋەقەگە مەسئۇل كىشىلەرنى قاتتىق جازالاشقا ۋە چېگرا مۇدائە قىسىملىرىنى قاتتىق ئىنتىزام ئاستىغا ئېلىشقا چاقىرىق قىلدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش تارتىشىغا سەۋەب بولماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىگە تەۋە 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق جايغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلمەكتە.

ھىندىستان بولسا، ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر