خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە كېلىشتى

ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ تالاش-تارتىشلىق رايوندىن چېكىنىشى ھەققىدە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىندى.

1441724
خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە كېلىشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىچېن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ چېگرانى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە ئوچۇق ۋە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى، ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

باياناتچى جاۋ ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ 15 - ئىيۇندا 40 تىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىنى بولسا، رەت قىلدى.

ھىندىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لاداخقا قاراشلىق مولدا رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوماندانلار سەۋىيەسىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ سەمىمىي ۋە ئىجابىي بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئەسكەرلەرنى چېكىندۈرۈشتە ئۆز-ئارا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش – تارتىشلىرىغا سەۋەپ بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتايدىغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىگە تەۋە 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق جايغا قارىتا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلمەكتە.

ھىندىستان بولسا، ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر يەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر