خىتاي توقۇنۇشتىن كېيىن ھىندىستان بىلەن كېلىشكەنلىكىنى  ئېلان قىلدى

خىتاي توقۇنۇشتىن كېيىن ھىندىستان بىلەن مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشقا كېلىشكەنلىكىنى  ئېلان قىلدى.

1437779
خىتاي توقۇنۇشتىن كېيىن ھىندىستان بىلەن كېلىشكەنلىكىنى  ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىچېن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «ئىككى تەرەپ بۇ مەسىلىنى سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە ئارقىلىق ھەل قىلىشقا، چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇشقا، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىككە كاپالەتلىك قىلىشقا كېلىشتى» دېدى.

جاۋ بۇ توقۇنۇشنىڭ ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى ۋە ھۇجۇمىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توقۇنۇش سەۋەبىدىن يېڭى دېھلىغا قاتتىق نارازلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن جاۋ، «يەنە بىر قېتىم ھىندىستاننىڭ مۇرەسسە قىلىشقا ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلىشىنى، چېگرا رايونىدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرادىن ئۆتمەسلىكىنى، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلماسلىقىنى ھەمدە قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا تۇتۇلىشىنى تەلەپ قىلىمىز » دېدى.

ھىندىستاننىڭ «ئانى خەۋەر ئاگېنتلىقى»يۇز بەرگەن توقۇنۇشتا 43 تىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى ياكى ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ھەمدە ھىندىستان تەرەپتىنمۇ 20 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر