لوندوندىكى خىتاي مەھەللىسىدە نامايىشچىلار ئۆز ئارا توقۇنۇشتى

شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئاخشام 17:00 دە نامايىشنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساقچىلارنىڭ ئېلان قىلغان يوليورىقىغا قارىماستىن، خىتاي مەھەللىسى ۋە  لېيچېستېر مەيدانىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشتى.

1435570
لوندوندىكى خىتاي مەھەللىسىدە نامايىشچىلار ئۆز ئارا توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ھەيكەللەرنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامايىش قىلغان ئاشقۇن ئوڭچىلار بىلەن ئىرقچىلىققا قارشى نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇنلىغان جايلاردا توقۇنۇش يۈز بەردى.

ساقچىلار ۋەقەلەرنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشتا قېينالدى.

«ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە بىرلەشمىسى» ۋە «ئەنگىلىيە ئالدىنقى ئورۇندا» قاتارلىق ھەر خىل گۇرۇپپىلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭدىن ئارتۇق ئاشقۇن ئوڭچىلار تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن ئېتىبارەن، پارلامېنت مەيدانىغا ۋە باش مىنىستىرلىققا بارىدىغان يولغا قۇرۇلغان ساقچى توساقلىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا يىغىلىشقا باشلىغان ئىدى.

باش مىنىستىرلىق جايلاشقان رايونغا كىرمەكچى بولغان ئاشقۇن ئوڭچىلار، بۇنىڭغا يول قويمىغان ساقچىلارغا بوتۇلكا ۋە تۇنىكا قۇتىلارنى ئاتتى. بۇ ئارىلىقتا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ناتسىستلارچە سالام بەرگەنلىكى كۆرۈلدى. ئاشقۇن ئوڭچىلار ئاز دېگەندە ئىككى مۇخبىرغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.

يۈزلىگەن ئىرقچىلىققا قارشى نامايىشچىلارمۇ توقۇنۇش يۈز بېرىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېتەكچىلىرى ئېلان قىلغان نامايىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش چاقىرىقىغا قارىماستىن، لوندوننىڭ مەركىزىگە يىغىلدى.

ترافالگار مەيدانىدا، ئاشقۇن ئوڭچىلار بىلەن ئىرقچىلىققا قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش چىقتى. ساقچىلارنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ يەردىن تارقالغان نامايىشچىلار ۋاتېرلو بېكىتىنىڭ ئالدىدا قايتىدىن دوقۇرۇشتى. ساقچىلار كەم دېگەندە ئىككى ئاشقۇن ئوڭچىنى كوللېكتىپ تاياقتىن قۇتقۇزۇپ قالدى.

ساقچىلار شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئاخشام 17:00 دە نامايىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يوليورۇق بەرگەن بولسىمۇ، توقۇنۇشلار لېيچېستېر مەيدانى ۋە خىتاي مەھەللىسىدە داۋاملاشتى.

ساقچىلار نۇرغۇنلىغان نامايىشچىلارنى نازارەتكە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر