بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتلار...

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 413700 دىن ھالقىدى، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 7 مىليون 324876 گە، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەنلەر سانى 3 مىليون 604926 گە يەتتى.

1432924
بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئەھۋالىغا دائىر مەلۇماتلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 9 ئادەم قازا قىلغان ئىيوردانىيەدە، يېڭىدىن 14 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 845 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

قازا قىلغانلار سانى 5 كە يەتكەن پەلەستىندە، 4 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 7 ئادەمدە يېڭىدىن يۇقۇم بايقالغانلىقى، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 661 كە يەتكەنلىكى دوكلات قىلىندى.

مىسىردا يۇقۇم تۈپەيلى قازا قىلغانلار سانى 306 گە، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 36829 غا يەتتى.

ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 5568 گە يەتتى؛ بۇ دائىرىدە جەنۇبىي ئافرىقادا 1162، ئالجىرىيەدە 724، سۇداندا 389، نىگېرىيەدە 365، كامېرۇندا 212، ماراكەشتە 210 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر