ئامېرىكا خەلقىنىڭ %80 ى دېگۈدەك «دۆلەت كونتروللۇقتىن چىقتى» دەپ قارىماقتا

ئامېرىكادا ئەسلى ئافرىقىلىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويىدنىڭ ساقچى زوراۋانلىقى تۈپەيلى قازا قىلىشىدىن كېيىن، خەلقنىڭ %80 ى دېگۈدەك «دۆلەت كونتروللۇقتىن چىقتى» دەپ قارىماقتا.

1431506
ئامېرىكا خەلقىنىڭ %80 ى دېگۈدەك «دۆلەت كونتروللۇقتىن چىقتى» دەپ قارىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Wall Street Journal» ۋە «NBC News» تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، فلويىدنىڭ ئۆلۈمى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى قاتارلىق دۆلەتلىك كرىزىسقا مۇناسىۋەتلىك كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى .

جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ % 48 ى نامايىشنىڭ ئۇلارنى فلويىدنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىكى شارائىتلاردىنمۇ بەكرەك بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، دېموكراتچىلارنىڭ % 81 ى بۇنىڭ ئەكسىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

ئومۇم خەلىقنىڭ % 80 ى فلويىد ساقچى زوراۋانلىقى تۈپەيلى قازا قىلغاندىن كېيىن، «دۆلەت كونتروللۇقتىن چىقتى» دەپ قارىماقتا.

دېموكراتچىلارنىڭ % 75 ى كوۋىد -19 ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە نورماللىشىش ئۈچۈن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، پرېزىدېنت دونالد ترامپنى قوللىغۇچى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ % 32 ى يۇقۇمنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە تىرامپنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنى قوللاش نىسبىتى ئاپرېلغا سېلىشتۇرغاندا بىر پىرسەنت تۆۋەنلەپ % 45 كە چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن يۈز بەرگەن كرىزىس قوللاش نىسبىتىنى ئانچە ئۆزگەرتەلمىگەن. دېموكراتچىلارنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتى جو بايدىننى قوللاش نىسبىتى بولسا % 49 ئەتراپىدا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر