ھىندونېزىيەدە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 4 كىشى قازا قىلدى
ھىندونېزىيەنىڭ ئوتتۇرا جاۋا ئۆلكىسىدە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 4 كىشى قازا قىلدى ۋە 5 كىشى يارىلاندى.
1430963
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «كومپاس گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكىنىڭ كەندال رايونىدا 9 نەپەر ئايروپىلان خادىمى ئولتۇرغان «Mi-17» تىپلىق رۇسىيەدە ئىشلەنگەن ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاندا 9 نەپەر خادىم بولۇپ، مەشىق ئۇچۇشى جەريانىدا چۈشۈپ كەتكەن.
ھەربىي مەسئۇللاررنىڭ باياناتىدا، ۋەقەنىڭ تېخچە سەۋەبى ئېنىقلانمىغانلىقى ۋە 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر باشلاندى.