ئاۋستىرىيەدە جورج فلويد ۋەقەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قارا تەنلىك ئامېرىكالىق جورج فلويدنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.

1430066
ئاۋستىرىيەدە جورج فلويد ۋەقەسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيە كىشىلىك ھوقۇق مەيدانىغا توپلانغان 5 مىڭغا يېقىن ئادەم، «تىنالمايۋاتىمەن»، «ئىرقچىلىق ئۆلتۈرىدۇ»، «زاراۋانلىقنى رەت قىلىمىز، كەڭ قورساقلىقنى قوللايمىز»، «ئاۋسترىيەنىڭ ئىرقچىلىق مەسىلىسى بار»، «ئىرقچىلىق ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلايلى» دېگەندەك پىلاكاتلارنى ئاچتى.

نامايىشچىلار شەھەرنىڭ ئەڭ قايناق كوچىلىرىغا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، كارلس مەيدانىغىچە يۈرىدى؛ مەيداندا قىلىنغان سۆزلەردە، ئامېرىكا باشتا بولۇپ ياۋروپادا كۈچىيىپ كەتكەن ئىرقچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى. ساقچىلارنىڭ زورلۇق – زۇمبۇلۇقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سۆز قىلغۇچىلار، غەربتە ئاز سانلىقلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىرقچىلىققا قارشى تېخىمۇ پائال كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس ئىشتاتىدا 25 مايدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ئەسلى ئافرىقالىق ئامېرىكا پۇقراسى جورج فلويد نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش جەريانىدىكى «تىنالمايۋاتىمەن» دېگەن ئىڭراشلىرىغا قارىماي، ساقچىنىڭ تىزىنى بوينىغا قويۇپ بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىدىن ئايرىلغانىدى

ۋەقە، شۇ كۈندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە پات – پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولغان نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر