قەندىھاردا بومبا پارتلىدى
ئافغانىستاندا يول بويىغا قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە توققۇز پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
1428952
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جامال ناسىر بارىكزەي ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان قەدىھار ۋىلايىتىنىڭ ئارگىستان ناھىيەسىنىڭ ھۇشك رود رايونىدا كىشىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ئۆتۈۋاتقاندا يول بويىغا قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بايانتچى بارىكزەي پارتلاشتا توققۇز پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، بەش پۇقرانىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھازىرغىچە پارتلاشقا ھېچقانداق كىشى ياكى تەشكىلات جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.