ئافرىقادا يۇقۇم سانى 100 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 357 مىڭ 961 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 5 مىليون 803 مىڭ 99 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 2 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى.

1424958
ئافرىقادا يۇقۇم سانى 100 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ 696 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 124 مىڭ 482 كىشى يۇقۇملاندى. سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 51 مىڭ 95 كە يەتتى.

ئافرىقانىڭ شىمالىي 37 مىڭ 566 يۇقۇملىنىش سانى بىلەن ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغان رايون بولدى. غەربىي ئافرىقادا 31 مىڭ 279، جەنۇبىي ئافرىقادا 27 مىڭ 858، ئوتتۇرا ئافرىقادا 13 مىڭ 929 ۋە شەرقىي ئافرىقادا 13 مىڭ 850 كىشى يۇقۇملاندى.

ئالجىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 623 كە، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە 552 گە، نىگېرىيەدە 254 كە، سۇداندا 195 كە ۋە كامېرۇندا 175 كە چىقتى.      

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 269 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان جەنۇبىي كورېيەدە، «يېقىنقى 50 كۈندىكى ئەڭ كۆپ يۇقۇملىنىش» يۈز بەردى.

جەنۇبىي كورېيە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى يېقىنقى 24 سائەتتە 79 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.بۇ يېقىنقى 50 كۈندىن بۇيان كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى يۇقۇملىنىش كۈنى بولدى. جەنۇبىي كورېيەدە بۈگۈنگىچە يۇقۇملانغانلار سانى 11 مىڭ 344 كە يەتتى، 10 مىڭ 340 كىشىنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى ئوتتۇرىغا چىققان خىتايدا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 4 مىڭ 634 كە چىقتى. يېقىنقى 24 سائەتتە ئىككى كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتايدا بۈگۈنگىچە يۇقۇملانغانلار سانى 82 مىڭ 955 كە چىققان بولدى. سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 78 مىڭ 288 گە يەتتى. 73 بېمارنىڭ داۋالىنىشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 4 مىڭ 142 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 379 مىڭ 51 گە ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 150 مىڭ 993 كە چىقتى.

مىسىردا يېڭىدىن 19 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان 816 گە چىقتى، يۇقۇملانغانلار سانى 19 مىڭ 666 گە، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 5 مىڭ 205 كە چىقتى.

يەمەن ۋۇخن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دۆلەتلىك كومىتېتى يېڭىدىن تۆت كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 53 چىققانلىقىنى بىلدۈردى. يېڭىدىن يەتتە كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ 256 گە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 255 كە چىققانلىقى ئېلان قىلىندى. يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 31 مىڭ 969 غا، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانىنىڭ 16 مىڭ 371 گە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

لىۋىيەدە يېڭىدىن ىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، بۇ سان تۆتكە چىقتى. يېڭىدىن 20 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە بۇ ساننىڭ 99 غا چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ماراكەش سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 202 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يېڭىدىن 24 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 7 مىڭ 601 گە، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانىنىڭ 4 مىڭ 978 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان يەكشەنبە (2020-يىلى 31-ماي) دىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يولغان قويۇلغان تەدبىرلەرنى يەڭگىللىتىش ۋە نورمال تۇرمۇشقا قايتىش مەقسىتىدە، مەككە شەھىرىدە ئىجرا قىلىنىدىغان «ئىككى باسقۇچلۇق نورماللىشىش پىلانى» نى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر