خۇاۋېينىڭ خوجايىنى قايتىدىن سوتقا تارتىلدى

خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېينىڭ خوجايىنىنىڭ قىزى ۋە شىركەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋەنجۇ كانادادا قايتىدىن سوتقا تارتىلدى.

1424903
خۇاۋېينىڭ خوجايىنى قايتىدىن سوتقا تارتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2020-يىلى 27-ماي) كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە ئېچىلغان سوتتا، مېڭ ۋەنجۇنىڭ ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ بېرىلىش دېلوسىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى تەرىقىسىدە قارار چىقىرىلدى.

سودىيە ھېزېر ھولمېس، مېڭ ۋەنجۇ سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن جىنايەتنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، كانادادا ئامېرىكا ۋە ئىرانغا ئوخشاش ئىقتىسادىي جازانىڭ يوقلۇقىنى، بىراق، بۇ ئەھۋالنىڭ، كانادادا ئوخشاش جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ سوتلىنىشىغا توسالغۇ بولالمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

خۇاۋېينىڭ خوجايىنى رېن جېڭفېينىڭ قىزى ۋە شىركەتنىڭ مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋەنجۇ، 2018-يىلى 1 – دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە قولغا ئېلىنغانىدى.

 ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان كېپلىللىك سوتتىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەسمىي قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپى كۈتۈلۈۋاتقاندا، مېڭ ۋەنجۇنىڭ 10 مىليون كانادا دوللىرى كېپىللىك بەدىلىگە شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىلغانىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، مېڭ ۋەنجۇنى قولغا ئالغان كانادانى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە  مېڭ ۋەنجۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

مېڭ ۋەنجو قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كانادالىق سابىق دىپلومات مايكېل كوۋرىگ بىلەن كارخانىچى مايكېل سپاۋورنى، خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش  بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان، 2016 – يىلى 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يەنە بىر كانادا پۇقراسى روبېرت سچېللېنبېرگنىمۇ قايتىدىن سوتلاپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر